top of page

ئەنگلىيە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ جەمئىيىتىنىڭ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﻰ



Logo

ئەنگلىيە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ جەمئىيىتىنىڭ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﻰ

 

1-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻧﺎﻣﻰ–ئەنگلىيە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ جەمئىيىتى. (ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﺩﯨﻴﻠﯩﺪﯗ. )

2-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ، ئەنگلىيەنىڭ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ .

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ

3-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﮪﯩﭽﺒﯩﺮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼت ۋە ئورگانغا بېقىنمايدىغان ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ بىر جەمئىيەﺗﺘﯘر.

4-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻕ-ﮪﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئېتىرﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺋﺎﺳﯩﺘﯩﺪﺍ، دىن ۋە مىللەت ئايرىماستىن ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﻟﻪﺕ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪخس ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﻨﻰ چىقىش ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ئاساسىدا ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ.

5-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ، ﺋﻮﺯ ﭘﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮪﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮪﻪﻟﻘئﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮪﻮﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﺋﻪئەنگلىيەنىڭ ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯘﺯﯗﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ رىئايە ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

6-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ، دېموكراتىيە ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻟﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻯ

7-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ، دېموكراتىيە ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮪﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘل ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ئېلىپ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ جەمىيەتتۇر.

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺗﯘﭖ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ

8-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺗﯘﭖ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ، ئەنگلىيەدە ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﯘﻗﯘﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەنگلىيە ﮪﻮﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪىكى ﺋﻮﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺩﻭﺳﻠﯘﻕ ﯞﻩ چۈشىنىشنى ﭼﯘﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ئەنگلىيە ﮪﻮﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﮔۈﻧﻜﻰ ئېچىنىشلىق ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﺋۈﻟۈﺵ ﻛﯘﭺ ﻗﻮﺷﯘﺵ. 

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮪﯩﺘﻰ

9-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ئەنگلىيەدىكى ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮪﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ئەنگلىيەدىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﮪﻪﺭ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ  يېتەﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻻﮪﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﻯ

10-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ئەنگلىيەدە ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ-قېرﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ مىللىي ﻣﻪﻧﭙﻪئەتىنى ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ، ﺋﻮﻡ، ﺋﯩﻨﺎﻕ، ﺑﯩﺮ مىللىي ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ شەكىللىنىشنى ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ.

11-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ئەنگلىيەدە ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ مىللىي ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ (مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ -ئادىتىنى) ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﮪﻪﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ.

12-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ئەنگلىيەدە ﺋۆﺳۈﭖ يېتىلىۋاتقان ﻳﺎﺵ –ﺋۆﺳﻤۈﺭ ئۇيغۇر ﭘﻪﺭﺯﻩنتلىرىگە ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، ﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، مىللىي ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ مىللىي ﻤﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ئېلىپ بېرىش.

13-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ مىللىي ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺗۈﺭﻟۈﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ، ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻮﯕﯘﻝ ئېچىش ﭘﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪنىۋىي ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ بېيىتىش ﯞﻩ مىللىي ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ.

14-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺗۈﺭﻟۈﻙ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺵ ﭘﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ئەنگلىيە ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﮔۈﻧﻜﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.

15-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ئەنگلىيە ﮪۆﻛۈﻣﯩﺘﻰ، ئەنگلىيە ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩ ئەنگلىيەدىكى ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﺭقىي ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎندىكى ﺋﯘﻳﻐﯘر قىرغىنچىلىقىدەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ئەنگلىيەدىكى ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞەﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺳۆﻳﻪﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼۈﺷۈﻧﯩﺸﻰ، ﮪﯩﺴﺪﺍﺷﻠﯩقى ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمىلى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش.

16-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻧﺎﮪﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻝ قىلىش ﯞﻩ ئەنگلىيەدىكى ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﯘﺗﯘپ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛۆﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻛﯘﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘلىشىنى ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛۆﺭسىتىش.

17-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ئەنگلىيەدىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ، ئەنگلىيەنىڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎسىي، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئىي ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼۈﺷﻪﻧﺪۈﺭۈﺵ.

18-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ئەنگلىيەدە ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ئىقتىسادىي، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئىي ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ يېقىندىن ﻛۆﯕۈﻝ ﺑۆﻟۈﭖ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ بېرىش.

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﮔﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﺶ

19-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ئەنگلىيەدە ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﮔﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.

20-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ مىللىي ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئېتىراپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ بىرىشنى ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ئېتىقادى، ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﯩﺮقى ﯞﻩ ﻳﺎﺵ ﭘﻪﺭﻗﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﮔﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻰ

21-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻰ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺭﻩﺋﯩﺲ، بىر نەپەر ﻛﺎﺗﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ۋەكىلى، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ۋەكىلى، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﺮ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﺎسىر، ﻣﻪمەسلىھەتچىلەر، ﯞﻩ ﮪﻪﻳﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺑﯘنىڭدىن بىر ۋەكىل ﻣﺎﻧﭽﯩﺴﺘﯩﺮﺩﺍ، يەنە ﺑﯩﺮ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ (ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ) ﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎسىر ﯞﻩ ﺑﻮﻏﺎلتىرﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻣﺎﻧﭽﯩﺴﺘﯩﺮﺩﺍ ئەزالىق ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺑﯩﺮ ﻛﺎسىر ﯞﻩ بىر ﺑﻮﻏﺎﺗﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 

22-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﺩﻩ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭەھبەﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﮪﻪﻳئﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ كومىتېت ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ كومىتېت ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺠﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ

23-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯ بېرىشى ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

24 -ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﯟﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻤﯩﻐﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩھبەﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻣﻪﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ كومىتېتنىڭ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھوقۇقىدىن ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻟﯩﺪﯗ.

 

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﻮﺗﻪﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ

25-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﻮﺗﻪﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ئۈچ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ قېتىمدىن ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

26-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ئىككى ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ قېتىم ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ كومىتېت ﮪﻪﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ يىغىنى ﺋﻮﺗﻜﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺯﻭﺭﯗﺭ ﺗﻪﭘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﻛﻰ كېچىكتۈرۈپ ﺋﻮﺗﻜﯘﺯﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

27-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ قېتىم ﭼﺎﻗﯩﺮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﺎﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ.

28-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭ قىلىنىدۇ:

1-   ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﯘﺯﯨﺘﯩﺶ كىرﮔۈﺯۈﺵ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﺵ.

2-   رەئىسنىڭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩدوكلاتى ﻛۆﺯﺩﯨﻦ ﻛۆﭼۈﺭۈﻟﯩﺪﯗ.

3-   ﻛﺎسىرﻧﯩﯔ ھىساﯞﺍﺗﻰ ﻛۆﺯﺩﯨﻦ ﻛۆﭼۈﺭۈﻟﯩﺪﯗ.

4-   كېيىنكى  مەزگىللىك ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋۆﺗﻜۈﺯﯨﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﻰ

29-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ئىقتىسادىي ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣئﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻛﺎسىر، ﺑﻮﻏﺎلتىر ﯞﻩ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻟﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺕ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺕ ﻻﮪﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﻪﻣﯩﺘﻪﺕ ﻣﻪﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻐﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

30-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ ﻛﻮمىتىتنىڭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺯﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ئىقتىساد ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ قەتئىي ﻣﻪنئى ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

31-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻢ –ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ قېتىم ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ كومىتېت ﮪﻪﻳئﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ قېتىم ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻛۆﺯﺩﯨﻦ ﻛۆﭼۈﺭۈﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ھېساپ بېرىلىدۇ.

 

ئەزالىق ﺑﻪﺩﯨﻠﻰ

32-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪ ﺋﯘ ﺝ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ (ئەنگلىيەدىكى يېشى18 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ) ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ قېتىم ئەزالىق ﺑﻪﺩﯨﻠﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭۇش سالاھىيىتىگە ئىگە. ئەزالىق ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﭼﻪﻙ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﯞﻩﻥ چىكى 10£ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ.

33-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ-ﻣﯘﻟﻜﻰ ئېغىر ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﭖ ﺟﯩﺪﺩﻯ ئىقتىسادىي ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﻣﯘﮪﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ كومىتېتنىڭ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ تېگىشلىك ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﻯ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ بېكىتىلىدۇ.

                       2021-يىلى 9-ئاينىڭ 19-ﻛﯘﻧﻰ ﻧﯩﺰﺍﻡ ﻧﺎﻣﻪ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﺪﻯ.

54 views0 comments

Comments


bottom of page